بىز نىمە ئۈچۈن ئوقۇيمىز؟
يېقىندا ئەخمەتجان ئىسمائىلنىڭ «ئازاپلىق كۈنلەردە »ناملىق كىتاۋىنى تۇرمۇش ۋە كەسپى خىزمەتلىرىمدە ئەسقېتىپ قالار دېگەن ئويدا سېتىۋالغان ئىدىم. بۇ كىتاپتىكى بەزى كۆز قاراش ۋە پىكىرلەر مېنى ئۆزۈم،ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە مىللىتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىمغا شۇنداقلا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىشىمغا تۈرتكە بولدى.چۈنكى بۇ كىتاپتىكى مۇنداق ئىككى پارچە ماقالە مېنى ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىپ بەردى.مەن پەقەت بۇ ماقالىلاردىكى ئۆزۈمگە قاتتىق تەسىر قىلغان جايلىرىنى قىسقارتىپ يوللاپ تورداشلارغا سۇنماقچىمەن. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ 1 . ئوقۇش ...........ئۆزۈم ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەنمەن.ھەمدە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ياش،ساغلام ۋە ھۆرمەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنمەن.شۇڭا مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلغانلىكى بوۋاقلارنى ،ئۆسمۈرلەرنى تاكى ئوتتۇرا ئالى بىلىم يۇرتلىرىغىچە ئوقۇتۇشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمەن.ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھۈجەيرىلىرى ياشىرىدۇ،بەدەن قۇرۇلۇشى كالاڭپاي ھالەتتىن چىرايلىق بولۇشقا ئۆزگىرىدۇ،ئۆلگەن كەبى مېڭە نېرۋىلىرى ئويغىنىشقا باشلايدۇ ،ۋاقىت قارىشى ياخشىلىنىدۇ،رىقابەت كۈچى ئاشىدۇ،ھەقنى تونۇش ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتىرىلىدۇ.كىملىك چۈشەنچىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىدۇ،ئىقتىدار ھاسىل بولىدۇ،ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ،ئىنسان ئىزدەپ كېلىدۇ،ئوقۇيالايدۇ ،يازالايدۇ ،دىيەلەيدۇ،قىلالايدۇ،تۇرالايدۇ،ئالاليدۇئېتەلەيدۇ،يېتەلەيدۇ.ئومۇمەن ئوقۇپ بىر نەرسە بىلگەن ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە پايدىسى تېگىدۇ ،بىلگەن ئادەمنى بىركىم ئىشلىتىدۇ،ھىچ بولمىسا بىلگەن ئادەمدىن ھېيىقىپ ئۇنڭغا ئالدىراپ تېگەلمەيدۇ،ئوقۇمىغان،ساۋاتسىز قالغان ياكى بىر نەرسە بىلمىگەن ئادەم بولسا جىسمانى جەھەتتىن ،روھى جەھەتتىن سىقىلىدۇ،خارلىنىدۇ،كۆزگە ئىلىنمايدۇ،ئادەم قاتارىدا كۆرۈلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئىنسان سەقلىرى ئەسكە ئېلىنمايدۇ،خاپىلىق مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. 2.خىزمەت قىلىش خىزمەتنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ،ئاساسلىقى ئىككى خىل:بىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەش ،يەنە بىرى پۈتۈن جەمىيەتتە بار كەسپلەرنىڭ ھەرقانداق بىر خىلى بىلەن شۇغۇللىنىش...............................كەڭ مەنىدىكى خىزمەت بولسا ئادەم ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ،ئۆزىنى سۆيۈش،ئۈمۈدۋار بولۇشتىن تارتىپ ،بارلىق ئادەملەر ،ھايۋانلار ۋە تەبىئەتكە پايدىلىق ئىش ھىساپلانغانلىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا قەدەر بولغان «مىدىرلاش»نىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ .مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھازىرقى ئادەملەرنىڭ شىتاتلىق ئىدارە خادىمى ياكى پالانى يەرنىڭ خىزمەتچىسى دېگەندىن باشقىلارنى خىزمەت قىلمايدىغان ھىساپلاش دۇنيا دۇنيا ئۆلچىمى بويىچە ئالغاندا تەخمىنەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىكى قاراش ھىساپلىنىدۇ. بىز پەقەت مۇشۇ بىر تۈرلۈك قاراش جەھەتتىلا دۇنيادىن 80 يىل ئارقىدا ئىكەنمىز ................ ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بۇ قۇرلار مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى ،ھاياجانلاندۇردى دېگەندىن كۆرە چوڭقۇر ئويغا سالدى دىگىنىم تۈزۈكتۇر بەلكىم. مەن دائىم ئەتراپىمدىكى بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «ھازىر بالىلارنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ، بەرىبىر خىزمەت تەخسىم قىلمىسا»« قىزبالىنى ئوقۇتقاننىڭ پايدىسى يوق،بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ئوقۇتۇپ قويسا بەرىبىر خەقنىڭ ئادىمى بولۇپ كېتىدۇ،تاپقان پۇلىغا خەق ئىگە بولىدۇ»دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن ،مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا نادانلىقىمىزغا بەك ئېچىنىپ كېتىمەن. بىز بالىلارنى پەقەت خىزمەت ئۈچۈنلا ئوقۇتىمىزما؟ئاشۇ ئوقۇش مىللەتنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتىرىشكە ئەسقاتماسما؟قىزبالا خەقنىڭ؟بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ خەق كىم؟ يەنىلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئەمەسمۇ ؟قىزىمىزنىڭ شۇ ئۇقۇشى ھىچ بولمىغاندا پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيلەشكە ئەسقاتماسما؟ يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى ،بىر دوستۇمنىڭ يۇرتتىكى بىر تۇققىنىنىڭ ئوغلى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگىلى ئىككى يىل بوپتۇ،ئۇدا ئىككى يىل مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەي كېلىۋېتىپتۇ ،ئىككى يىلنىڭ ياقى بىكار يۈرۈپتۇ .بۇ يىلمۇ مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپتۇ ،ئەمما يول«يول ماڭمىسا»خىزمىتى ھەل بولمىغۇدەك باشقىلاردىن ئاڭلىسا 50 مىڭ يۈئەن بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشقىلى بولارمىش ،شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت كۈندە ئاتا -ئانىسىغا يول مېڭىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىچارىلەر دوستۇمغا ،تونۇشلىرى بولسا ئەرزانراق«يول» ئۇقۇشۇپ بېرىشنى 30 مىڭ يۈئەن چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلىپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاشۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ يىلىكىنى شورىغۇچى نان قېپى ئوغۇلغا غەزەپلەنسەم، بىچارە ئاق كۆڭۈل كۆيۈمچان نادان ئاتا-ئانىغا ئىچ ئاغرىتتىم .30 مىڭ يۈئەن بىلەن ئۆگەنگەن بىلىمىگە دەسمايە سېلىپ تىرىكچىلىك قىلسا 2 يىلدىن ئۇشۇق ۋاقىتتىن بۇيان دەسمىيىسىنىمۇ ئۈندۈرۈپ پۇلنىمۇ تېپىپ بولماسمىدى؟ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بۇنداق ئىشلار بەك جىق. ئاشۇنداق ياشلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ : ئەي پەرزەنتلەر ئەمدى بەس !ئاتا-ئاناڭلار سىلەرنى ئوقۇتقۇچە ئاز جاپا تارتمىدى ،ئەمدى ئۆزۈڭلارنىڭ جاپاسىنى ئۆزۈڭلار تارتىڭلار! ئۆزۈڭلارنىڭ يولىنى ئۆزۈڭلار تپىپ مېڭىڭلار! تىرشساڭلەرلا، كاللاڭلارنى ئىشلەتسەڭلەرلا ئەتراپىڭلاردا سىلەرنى كۈتىۋاتقان خىزمەتنى تاپالايسىلەر،ئىقتىدارىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان خىزمەت ھۆكۈمەت خىزمىتىلا ئەمەس .كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىپ قاراپ بېقىڭلار،بەلكىم سىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەت يېنىڭلاردىلا بولىشى مۈمكىن!
2009年4月25日星期六
بىز نىمە ئۈچۈن ئوقۇيمىز؟
订阅:
博文评论 (Atom)
0 评论,باھا:
发表评论