2009年4月23日星期四

مىللىتىڭىزنى سۆيەمسىز؟ . . .

بۇماقالىنى مەن شەبنەمدە ئۇچۇرتۇپ قالغان ھازىرقى ۋاقىتتا ھەربىر ئادەم قانداق قىلىش توغرىسىدائويلۇنۇپ باقىدىغان مەسىلە ئىكەن مىللىتىنى سۆيگەنلىك ـــــــــ ئۆزىنى سۆيگەنلىك تۇر! سىز مىللىتىڭىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلدىڭىز، بۇ پەقەت ئۆزىڭىزگىلا ئايان. ھەم بىر ئۆتمۈشتۇر. مېنىڭچە ھەر بىر مىللەت ئەزاسى ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بەرسە ئۆز مىللىتىنى سۆيگەنلىك بولىدۇ، دەپ ھېساپلايمەن.1. ئانا تىلىڭىزنى قەدىرلەڭ. ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرچە سۆزلەڭ، ئاساسىي قانۇن ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا مىللى تىل يېزىقىڭىزنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئىشلىتىڭ. مىللىتىنى سۆيگەنلىك ـــــــــ ئۆزىنى سۆيگەنلىك تۇر! سىز مىللىتىڭىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلدىڭىز، بۇ پەقەت ئۆزىڭىزگىلا ئايان. ھەم بىر ئۆتمۈشتۇر. مېنىڭچە ھەر بىر مىللەت ئەزاسى ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بەرسە ئۆز مىللىتىنى سۆيگەنلىك بولىدۇ، دەپ ھېساپلايمەن.1. ئانا تىلىڭىزنى قەدىرلەڭ. ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرچە سۆزلەڭ، ئاساسىي قانۇن ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا مىللى تىل يېزىقىڭىزنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئىشلىتىڭ. ئاناتىلىڭىزدىن بىزار بولماڭ. شۇ ئانا تىلىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا، نۇرغۇن خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار ئىشلەپ كىلىۋاتىدۇ. مۇبادا، ئانا تىلدىن سىزمۇ، مەنمۇ يۈز ئۆرىسەك، ئاقىۋەتتە ئۇزۇنغا بارماي نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئىشسىز ۋە ئاشسىز قالىدۇ. 2. مىللى كىيىم كېچەكلىرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ كېيىڭ، بالىلىرىڭىزغا كېيدۈرۈڭ. مىللى كىيىم كېچەكلىرىمىز مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىموۋولى، مىللىتىمىزنىڭ ئىپتىخارى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتلاردا، ئۇنى داھىمىز ماۋزىدۇڭ ئەپەندىمۇ كېيگەن. مىللى كىيىم كىچەكلىرىمىز مىللى ئىپتىخارىمىز بولغىنى ئۈچۈن تۈرلۈك تەبرىكلەش سورۇنلىرىدا ئۇنى ئارتىستلىرىمىز كىيىپ، يات مىللەتلەرگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلماقتا.3. ئىلغار بولغان مىللىي ئەنئەنىنى، ئېتىقاد ۋە ئىمانىڭىزنى ساقلاپ قىلىشقا تېرىشىڭ، پەرزەنىتلىرىڭىزنى مىللى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەربىيىلەڭ. ئادەمنىڭ ئىمان ـ ئېتىقادىنىڭ بولۇشى ئىمانسىزلىق ۋە ئېتىقادسىزلىققا قارىغاندا ئىلغارلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئېتىقاد ۋە ئىمان بىر خىل يۈكسەك مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇ ئېچىلمىغان نۇرغۇن دۇنيا سېرلىرىغا جاۋاپ تاپالايدۇ. بۇنى چۈشەندۈرمىسەممۇ، پەن ـ تېنىكا تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك مۆجىزىلەر بۇنى قەدەمدە بىر ئىسپاتلايدۇ. مىللىي ئەنئەنە ئاساسلىقى مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، مىللىي ئەنئەنە بگۈنكى دۇنيادە مىللىي خاسلىق بولۇپ نامايەن بولۇپ، مىللي خاسلىقىنى يوقاتقان مىللەتلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا. دېمەك، مىللىي ئەنئەنە مىللەتنىڭ « ماركىسى »دۇر. ماركىسى يوق توۋەر ھەرقانداق ماكان ۋە زاماندا تەرەقىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 4. كارخانا قۇرۇڭ، دۇكان ئېچىڭ. ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئېگىلىكىدە بولغان ھالال ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ ۋە مىللىي كارخانىلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىڭ. تاماخورلۇق ۋە ھورۇنلۇق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى گۈللىنىشكە بويۇن قىلىسىپ تەلمۈرۈپ، ئۆزىڭىزنى خار قىلماڭ. كارخانا قۇرغان ۋە دۇكان ئاچقىنىڭىزدا ئۆز قىرىنداشلىرىڭىزنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدىكى مۇساپىرچىقىلتىن، ئىلاجىسىزلىقتىن، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزغان، ئۇلارغا رەھىم ـ شەپقەت ئاتا قىلغان، مىللىتىڭىزنى قۇتقۇزۇشقا كۆپ ھەسسە قوشقان بولىسىز. بۇنىڭ مۇكاپاتىنى سىزگە ئاللاھ ئۆزى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، قىرىنداشلىرىڭىز سىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىڭىزغا دۇئا قىلىدۇ. ئاددى ھالدا ھالال ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغاللانسىڭىزمۇ مىللىتىڭىزنى ئۇنتۇپ، خۇمسى، مۇناپىق، ئالدامچى ـ كاززاپ، ئوغرى، يانچۇقچى، جـــالاپ ۋە ماڭقۇرت بولۇشتىن ساقلىنىپ قالالايسىز، چىن ئەقىدە ۋە ئىخلاسىڭىز بىلەن ئىشلىشىڭىزلا ئىشلىرىڭىز يەنىلا راۋاج تاپقۇسى.مەن مۇشۇنچىلىك يازاي، قالغىنىنى تورداشلار داۋاملاشتۇرغۇسى....

0 评论,باھا: